ئەسكەرتىش
نۇرلان تور تېلېۋىزىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل كۆرۈرمەنلەرگە ئەڭ يېڭى سۈزۈكلۈكى يۇقىرى فىلىملەرنى تەمىنلەش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلدى. مۇلازىمەتنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن، كىنولارنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تېز يېڭىلىنىشى ۋە ئەپ دېتالىنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن ھەقلىق ئەزالىق سېتىۋېلىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدۇق.

بىرىنچى تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەتلىرىمىز
1. نۇرلان تور تېلېۋىزىيە دېتالىمىز كۆپچىلىكنى ئۇيغۇر تىلىدىكى كىنولار، ئېتۇتلار، مىكرو كىنولار ۋە باشقا ھەرخىل تىلدىكى كىنو-فىلىملەرنى تېلېۋىزوردا ۋە توردا كۆرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. مۇلازىمەت ھەققى، ئېقىم ھەققى، ئەپ دېتالىنى ئاسراش-يۈرۈشتۈرۈش ھەققى قاتارلىقلاردىن باشقا، يەنە مۇۋاپىق قوشۇلما ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەقلەرنى ئۈندىداردا تۆلەش ۋە ئالىپايدا تۆلەش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ تۆلەشكە بولىدۇ، ئېلىنغان ئەزالىق ھەققى ۋە قوشۇمچە ھەققى قايتۇرۇلمايدۇ.
2. باشقۇرغۇچى ئورگاننىڭ توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشى، تور مۇلازىمىتى توختاش، قاتتىق دېتاللار بۇزۇلۇش، يۇمشاق دېتاللارغا ھۇجۇم قىلىنىپ بۇزۇلۇش قاتارلىق قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان سەۋەبلەردىن باشقا ئەھۋاللاردا 24 سائەت كۆرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە بۇنىڭدىن باشقا قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋاللارغا يولۇقۇپ، كۆرۈش مۇلازىمىتى توختىتىلغاندا، ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز.

ئىككىنچى، ئابونتلارنىڭ مەجبۇرىيىتى:
1. ئابونتلار بۇ ئىشلىتىش كېلىشىمى ۋە دۆلەتنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزام بەلگىلىمىلىرىگە ئاڭلىق بويسۇنۇشى لازىم.
2. ئابونتلار نورمال كىنو كۆرۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن، نۇرلان تور تېلېۋىزىيەسى بېكىتكەن مۇناسىۋەتلىك ئەزالىق ھەققىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. ئەزالىق ھەققى تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئەپ دېتالىمىزدىكى كىنولارنى باشقا ھەق تۆلىمەي كۆرۈشكە بولىدۇ.
3. ئەزالىق ھەققى كىنو كۆرۈشتىن ئاۋۋال تاپشۇرۇلىدۇ، كىنو نورمال قويۇلغاندىن كېيىن باشقا ھەق تۇتۇلمايدۇ.
4. ئابونتلار دېتالىمىزنى تېلېۋىزور ياكى تېلېفونغا قاچىلاش ئارقىلىق كىنو كۆرۈشكە بولىدۇ. ئاندىرويىد تەقلىد قىلىش دېتالى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش، ئەپ دېتالىمىز ۋە قويۇش سىستېمىمىزغا ھۇجۇم قىلىش، كىنونى مەجبۇرىي چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنۇش ۋە ئەپ دېتالىمىزدىن پايدىلىنىپ قانۇن بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ، ئەگەر بۇ خىل قىلمىشلار بايقالسا، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار قانۇن ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.

ئۈچىنچى، مۇلازىمەت توختىتىلىش ھەققىدە:
1. نۇرلان دېتالىمىز مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمە ئىچىدە مۇلازىمەت ئېلىپ بارىدۇ. مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسى، تور شارائىتى، تېخنىكىلىق كاشىلا ۋە باشقا قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان سەۋەبلەر ھەمدە ئابونتلارنىڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغان مەجبۇرىيەتلەرگە ئەمەل قىلماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان مۇلازىمەتنى توختىتىش ئالدىدا ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ، ئالدىن ئېلىنغان ئەزالىق ھەققى قايتۇرۇلمايدۇ.
2. بۇ كېلىشىمنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىش ھوقۇقى (نۇرلان تور تېلېۋىزىيە ئىشخانىسىغا ) تەۋە.