ئۈندىدارىڭىز ئوغرىلانسا قانداق قىلىشنى بىلىۋېلىڭ


نۆۋەتتە، كۆپىنچە دوستلار ئۈندىدارغا يانفون نومۇرى ۋە بانكا كارتىسىنى باغلىۋالغان بولۇپ، ئەگەر ئۈندىدار ئوغرىلانسا، شەخسىي ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىپ كەتكەندىن سىرت، يەنە ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، ئەگەر ئۈندىدار ئوغرىلانغانلىقى بايقالسا، قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۈندىدارنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى قانداق قىلغاندا ۋاقتىدا بايقىغىلى بولىدۇ؟

ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئىككى خىل ئەسكەرتمە تاپشۇرۇۋالسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ئۈندىدارىڭىز بەلكىم ئوغرىلانغان بولۇشى مۇمكىن.
ئۇنداقتا، ئۈندىدارنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن قانداق قىلىش كېرەك؟

1. ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئۈندىدارغا چىقىپ بېقىڭ.
ئۈندىدار مەخپىي نومۇرى، قىسقا ئۇچۇر دەلىللەش نومۇرى، QQ نومۇرى ۋە QQ مەخپىي نومۇرى قاتارلىق خالىغان بىر خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۈندىدارغا چىقىپ بېقىڭ. ئەگەر چىققىلى بولسا، سەپلەش(设置)-ھېسابات نومۇرى ۋە بىخەتەرلىك(账号与安全)-ئۈندىدار مەخپىي نومۇرىنى ئۆزگەرتىش (修改微信密码) كە كىرىپ، ئۈندىدار مەخپىي نومۇرىنى ئۆزگەرتىڭ. ئەگەر QQ غا باغلانغان بولسا، QQ بىخەتەرلىك مەركىزىگە كىرىپ، QQ مەخپىي نومۇرىنى ئۆزگەرتىڭ.
مەخپىي نومۇرنى ئۆزگەرتىپ بولغاندىن كېيىن، سەپلەش (设置)-ھېسابات ۋە بىخەتەرلىك (账号与安全)-ھېسابات بىخەتەرلىكىنى ئېچىش (打开帐号保护) قا كىرىپ، ھېسابات قوغداش ئىقتىدارنى ئېچىڭ.
2. ئەگەر ئۈندىدارغا چىققىلى بولمىسا، تېز سۈرئەتتە weixin110.qq.com غا كىرىپ، ھېساباتنى توڭلىتىڭ.
توڭلىتىپ بولغاندىن كېيىن، مەخپىي نومۇر ئوغرىلانغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىڭ. ئەگەر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بولسا، بىخەتەرلىك يۇمشاق دېتالى قاچىلاپ تەكشۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ئالدامچىلىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تېلېفون، قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق يېقىن دوستلىرىڭىزغا ئۈندىدارنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى ئېيتىپ قويۇڭ.

يانفون بىخەتەر بولغاندىن كېيىن، قايتا weixin110.qq.com غا كىرىپ، توڭلىتىشنى بىكار قىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدارغا قايتا چىققاندىن كېيىن، ۋاقتىدا مەخپىي نومۇرنى ئۆزگەرتىپ، ھېسابات قوغداش ئىقتىدارنى ئېچىشنى ئۇنۇتماڭ.

نۇرلان بىلوگى » ئۈندىدارىڭىز ئوغرىلانسا قانداق قىلىشنى بىلىۋېلىڭ

جاۋاب يېزىش

تېخىمۇ كۆپ ماتىريال بۇ يەردە

كۈرۈپ باقاي ئەزا بولۇش